11 يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.
يامانلار تەكەببۇرلۇقتا سالماقتا زۇلۇم ئاجىزلارغا، ئاجىزلار چۈشۈپ قالماقتا ئۇلارنىڭ تۇزاقلىرىغا.
نېچۈن قۇتۇرار خەلقلەر؟ نېچۈن ئىشقا ئاشمايدىغان سۇيىقەست ئويلار ئادەملەر؟
ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.
ئاندىن: «بېرىپ بالىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەڭلار. تاپقان ھامان ماڭا خەۋەر قىلىڭلار، مەنمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سەجدە قىلىپ كېلەي» دەپ، ئۇلارنى بەيتلەھەمگە يولغا سالدى.
دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»
شۈبھىسىزكى، ئېلىپ قويماس ئۇلار ئىناقلىقنى ئېغىزلىرىغا، بەلكى تۈزەر شۇم پىلانلار تىنچ-خاتىرجەم ياشايدىغانلارغا.
ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، بۇ ئادەملەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى كۆپتۇر، ئۇلار شەھەردىكىلەرگە يامان مەسلىھەت بېرىشىدۇ.
قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.