Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 20:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 بەزىلەر ئىشىنەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلىرى ئاتلىرىغا، ئەمما بىز ئىشىنىمىز پەرۋەردىگارىمىزغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 20:7
17 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىشەنچىنى پەقەت ئىنسانلارغا ئاتىغان، ئادەمنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايانغان، قەلبىدە پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!


مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى، ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا، جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى، ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.


ئاتلار جەڭ ئۈچۈن تەييار قىلىنار، بىراق غەلىبە پەقەت پەرۋەردىگاردىنلا بولار.


ئۇنىڭغا يار بولغۇچى ئىنسان بولسا، بىزگە يار بولغۇچى پەرۋەردىگارىمىز خۇدادۇر. ئۇ بىزگە ياردەمدە بولىدۇ، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. خەلق پادىشاھ خىزكىيانىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئىلھاملاندى.


ئاسا پەرۋەردىگار خۇدادىن مۇنداق دەپ ئۆتۈندى: _ ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سېنىڭ ياردىمىڭ بىلەنلا ئاجىزلار كۈچلۈكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. ئۆتۈنەي، بىزگە ياردەم قىلغايسەن. بىز ساڭىلا تايىنىمىز. سېنىڭ نامىڭ بىلەن بۇ چوڭ قوشۇنغا قارشى ئاتلاندۇق. ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇرسەن. ئىنسانلارنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە قىلىشىغا يول قويمىغايسەن.


ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەستە ساقلاتقۇزىمەن نامىڭنى، ئەبەدىلئەبەد ماختىشار خەلقلەر سېنى.


سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر. شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر. سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›. شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەر يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئالدىدىن قاچتى. خۇدا ئۇلارنى يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.


ۋاھالەنكى، ئارراملار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن يەنە قاچتى. داۋۇت ئارراملارنىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلىرىدىن يەتتە يۈزنى ۋە باشقا لەشكەرلىرىدىن 40 مىڭنى ئۆلتۈردى. داۋۇت يەنە ئارراملارنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى شوباكنى يارىلاندۇردى. ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى.


داۋۇت ئۇنىڭ 1700 ھارۋىلىق لەشكىرىنى ۋە 20 مىڭ پىيادە لەشكىرىنى ئەسىرگە ئالدى. يۈز ھارۋىنى تارتىشقا يەتكۈدەك ئاتلارنى قالدۇرغاندىن سىرت، قالغان ئاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پېيىنى كەستۈرۈۋەتتى.


پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»


ئۇنىڭ كۈچىگە تايىنالامسەن؟ ئېغىر ئىشلىرىڭنى ئۇنىڭغا قىلدۇرالامسەن؟


كۈچ-قۇدرىتىدۇر پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ، نىجاتلىق قورغىنىدۇر ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite