2 ياردەم بەرگەي مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىن، يۆلىگەي سېنى سىئوندىن.
ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىكى تەرىپىدىن 10 مېتىر ئارىلىقنى يەر يۈزىدىن تورۇسقىچە كېدىر تاختىيى بىلەن توسۇپ، ئىچكىرىكى خانا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس خانىنى ھازىرلىدى.
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟ ‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى، ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»
ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار، ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى، چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان، بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»
خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرشىمگە چۈشەندىم، نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەقدىرىدە.
پەرياد قىلغانىدىم يۇقىرى ئاۋازدا پەرۋەردىگارغا، ئۇ جاۋاب بەردى مۇقەددەس سىئون تېغىدىن ماڭا. سېلاھ
ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى داۋۇت تەييارلىغان چېدىرغا ئەكىرىپ قويدى. داۋۇت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى قىلدى.
(كېيىن داۋۇت يېرۇسالېمدىكى سىئون قەلئەسىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالدى ۋە بۇ قەلئەگە «داۋۇت شەھىرى» دەپ نام بەردى.)
زوراۋان دۈشمەنلەر قارشى چىقماقتا ماڭا، ئۇلار قەست قىلماقچى ئەزىز جېنىمغا. ئېتىبار بەرمەس ئۇلار ئەسلا خۇداغا.
مەزمۇت قەلئەدەكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ نامى، ئامان بولۇر ھەققانىيلار پاناھ تارتىپ ئۇنى.