8 چىقتى خۇدانىڭ بۇرنىدىن ئىس-تۈتەكلەر، ئېتىلدى خۇدانىڭ ئاغزىدىن ئوت-لاۋىلار، لاۋۇلداپ كۈيەتتى ھەتتا قىپقىزىل چوغلار.
تونۇردىكى چوغلار كەبى كۆيەر ئۇلار، نامايان قىلغىنىڭدا قەھرىڭنى، يالماپ كېتەر ئوت يالقۇنى _ غەزەپلىرىڭ يۇتار ئۇلارنى.
قىزىق شامال، ئوت، گۈڭگۈرت، چوغلار، يامانلارنىڭ ھاياتىغا نېسىۋە بولار.
مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك، سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم. سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار. لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!
ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى، ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى. سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.
پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.
شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى.
ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە قارىۋىدى، ئۇ يەرلەردىن تۈتۈن كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ مەنزىرە خۇمداندىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەككە ئوخشايتتى.
بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.
پەرۋەردىگار يەرگە باقسا زېمىن تىترەر، تاغقا تەگسە ئوتلار يېنىپ، تۈتۈن چىقار.
تەرك ئەتتىڭ بىزنى نېچۈن ئى خۇدا، بىزنى شۇنداق مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالامسەن؟ سېنىڭ ئىلكىڭدىكى بىزدەك قويلىرىڭغا نېچۈن غەزەپ ئوتلىرىڭنى چاچىسەن؟
رەببىمىز سۈكۈت قىلىپ تۇرماس زىنھار، كەلمەكتە ئۇ، ئالدىدا ئوت يالقۇنى يالماپ كېلەر، ئەتراپىدا بوران-چاپقۇن ھۇۋلاپ كېلەر.
پەرۋەردىگار بۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قاتتىق قەھر-غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن بارلىق قارغىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ، ئۇنىڭ نامىنى دۇنيادىن يوقىتىدۇ.
خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
ئاغزىدىن يالقۇن چىقىرىپ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىدۇ.
ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ، ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ. ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ، زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.