7 شۇ چاغ زېمىن سىلكىنىپ، يەر تەۋرىدى، تاغلارنىڭ ئۇلى تىترەپ، مىدىرلىدى، چۈنكى خۇدا دەرغەزەپكە كەلگەنىدى.
ئۇلارنىڭ دۇئالىرى ئاياغلاشقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇلار مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشكە باشلىدى.
تۇيۇقسىز قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى، چۈنكى رەبنىڭ پەرىشتىلىرىدىن بىرى ئاسماندىن چۈشۈپ، قەبرىگە بېرىپ تاشنى بىر يانغا دومىلىتىپ، ئۈستىدە ئولتۇرغانىدى.
مەن تاغلارغا قارىدىم، ئۇلار سىلكىنىۋاتاتتى. ھەممە ئېگىزلىكلەر تەۋرىنىۋاتاتتى.
ئى پەرۋەردىگار، سەئىردىن ئايرىلغىنىڭدا، ئىدوم زېمىنىدىن يۈرۈش قىلغىنىڭدا، زىلزىلگە كەلدى يەر-زېمىنلار، تۆكۈلدى ئاسمان ۋە بۇلۇتلاردىن يامغۇرلار.
غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.
گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.
شۇ كۈنى پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنىڭ شەرقىدىكى زەيتۇن تېغىغا قەدەم باسىدۇ. زەيتۇن تېغى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، يېرىمى شىمالغا، يېرىمى جەنۇبقا يۆتكىلىدۇ. ئوتتۇرىسىدا شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان كەڭ بىر جىلغا پەيدا بولىدۇ.
تەۋرەندى تاغلار كۆرگەندە سېنى. كەلكۈن كېلىپ، سۇلار ئۆركەشلەپ، يەتتى پەلەككە شاۋقۇنلىرى.
توختىغاندا ئۇ، كېلەر لەرزىگە جاھان. نەزەر سالغىنىدا، تىترىشەر ئەللەر ھامان. بولسىمۇ قەدىمىي تاغلار كۇكۇم-تالقان، تۈزلىنىپ كەتسىمۇ ئەبەدىي داۋان، ئۆزگەرمەس ئۇنىڭ قىلغانلىرى ھامان.
ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتسىمۇ زېمىن ناۋادا، تاغلار غۇلاپ چۈشسىمۇ دېڭىزلارنىڭ ئاستىغا. دولقۇنلىنىپ دېڭىزلار، ئۆركەش ياساپ تاشسىمۇ، تاشقىنىدىن دېڭىزنىڭ، تاغلار تەۋرەپ كەتسىمۇ، بىزدە قورقۇنۇش يوقتۇر ئەسلا. سېلاھ
يۈز ئۆرەر پەرۋەردىگار رەزىللەردىن، يوق قىلار ناملىرىنى يەر يۈزىدىن.
مىسكىنلەرگە يېقىندۇر پەرۋەردىگار، روھى ئازاب چەككەنلەرنى قۇتقۇزار.
غەزەپ بىلەن قارىمىغىن ماڭا، ئۆلۈمدىن بۇرۇن چۆمىلەي شادلىققا.
تارتىۋالدى ئۇ مېنى ھالاكەت گىردابىدىن، چىقىرىۋالدى چوڭقۇر پاتقاق-سازلىقتىن. قورام تاش ئۈستىگە تۇرغۇزۇپ پۇتلىرىمنى، مۇستەھكەم قىلدى مېنىڭ قەدەملىرىمنى.