48 قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن، ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن، قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن.
يەر يۈزىدە روناق تاپمىسۇن چېقىمچىلار، ئوۋچىلارغا ئولجا بولۇپ يوقالسۇن زوراۋانلار.
ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن، پۇتلىرىمنى ئامان قىلغىن زوراۋانلارنىڭ پۇتلىشىدىن.
ئى پەرۋەردىگار، رەزىللەردىن قۇتقۇزغىن مېنى، زوراۋانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىغىن مېنى.
ئى خۇدا، ماڭا قارشى تۇرىدۇ مەنمەنچىلەر، جېنىمنى ئالماق ئۈچۈن ئىزدەر مېنى ۋەھشىيلەر. كۆزگە ئىلىپ قويماس سېنى قىلچە ئۇلار.
كىم يامانلىق قىلسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا. كىم زۇلۇم سالسا باشقىلارغا، يېنىپ كېلەر ئۆز بېشىغا.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى.
بىلىكىڭ قۇدرەتلىك، قولۇڭ كۈچلۈكتۇر، ئۈستۈن كۆتۈرۈلگەن ئوڭ قولۇڭ غالىبتۇر.