Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 18:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، ھالاكەت دولقۇنلىرى چۈمكىدى مېنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 18:4
18 Referans Kwoze  

ئۆلۈم ئاسارەتلىرى چىرمىدى مېنى، گۆرىستان ۋەھىمىسى قاپسىدى مېنى، قايغۇ، ھەسرەت ئىلكىگە ئالدى مېنى.


كۆڭلىمىزدە ھەقىقەتەنمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولدۇق، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان خۇداغىلا تايىنىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، قىلىچ-توقماقلار بىلەن قوراللانغان زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى.


قورشاۋغا ئالدى مېنى بىر توپ رەزىللەر، ئەتراپىمنى ئورىۋالدى ئاشۇ ئىتلار، پۇت-قوللىرىمنى تەشتى ئۇلار.


شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر تەۋرەپ كەتتى. تەرەپ-تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كەلگەن خالايىق پاۋلۇسنى تۇتۇپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدا قالايمىقانچىلىق چىقمىسۇن دەپ، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى دەرھال تاقىۋەتتى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار.


ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ، ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ، بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.


يىھوشافات جامائەت بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدىغان مۇناجاتلارنى لەشكەرلەرنىڭ ئالدىدا ماڭدۇردى. ئۇلار سەپنىڭ ئالدىدا: «پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مۇناجات ئېيتىپ ماڭدى.


ئۇلار تەنتەنىلىك ھالدا مۇناجات ئېيتىپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە باشلىغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، يەھۇدىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغىلى سەئىر تاغلىرىدىن كەلگەن مىئونلارنى، شۇنداقلا ئاممون ۋە موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite