زەبۇر 18:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزىلارمەن شۇندىلا. Gade chapit la |
لاۋىيلاردىن يېشۇۋا، قادمىئېل، بانى، خاشابنىيا، شېرېبىيا، ھودىيا، شىبانيا ۋە پىتاخيالار خەلققە مۇنداق دېدى: «ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ئەزەلدىن ئەبەدىيگىچە مەۋجۇد بولغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانى مەدھىيەلەڭلار!» ئاندىن ئۇلار مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى خۇدا، ئۇلۇغ نامىڭغا ھەمدۇسانا بولغاي! نامىڭ پۈتكۈل ھەمدۇسانا ۋە مەدھىيەلەردىن يۈكسەكتۇر!
ئەي رەزىللەر قاچانغىچە ماڭا ھۇجۇم قىلىسىلەر؟ قاچانغىچە ھەممىڭلار مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ خۇددى يىقىتقاندەك قىيسىيىپ قالغان تام، لىڭشىپ قالغان قاشانى، سىلەرنىڭ قەستىڭلار ھەيۋەتلىك ئورنۇمدىن يىقىتىشتۇر مېنى. شۇنچە ئامراق سىلەر يالغانچىلىققا، بەخت تىلىگىنىڭلار بىلەن ئېغىزىڭلاردا، قارغايسىلەر ئىچىڭلاردا. سېلاھ