16 پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.
پەرۋەردىگار كۆكتىن سۇنۇپ قولىنى، چوڭقۇر سۇلاردىن تارتىپ ئالدى مېنى.
ئۇزىتىپ قولۇڭنى سەن كۆك باغرىدىن، تارتىۋالغىن مېنى خۇدا قاينام دەريا-سۇلاردىن، قۇتقۇزغىن ھەم مېنى ياتلار چاڭگىلىدىن.
ئۇ ئەرشتىن ئەۋەتەر نىجاتلىقىنى، شەرمەندە قىلار مېنى خارلىغانلارنى، سېلاھ كۆرسىتەر ماڭا مۇھەببىتى ۋە ساداقىتىنى.
خەلق بىلەن قارشىلىششتىن مۇستەسنا قىلدىڭ مېنى. باش قىلغانىدىڭ مېنى يات ئەللەرگە، قىلماقتا ئۇلار مېنىڭ خىزمىتىمنى.
بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالدى ۋە ئۇنى سۇدىن سۈزۈۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «سۈزۈۋېلىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.
پەرىشتە ماڭا يەنە: - پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر.
شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.
ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ، ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ. باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ، لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ.