14 تارقىتىۋەتتى خۇدا دۈشمەنلىرىنى، ياغدۇرۇپ ئوقلىرىنى، چاقماقلار چاقتۇرۇپ تىرىپىرەن قىلىپ ئۇلارنى.
چاقماقلارنى چاقتۇرۇپ قوغلىغايسەن رەقىبىڭنى، تارقاتقايسەن ئۇلارنى ئېتىپ تۇرۇپ ئوقلىرىڭنى.
چاقنىشىدا ئۇچۇۋاتقان ئوقلىرىڭنىڭ، جۇلاسىدا پارقىراق نەيزەڭنىڭ، توختاپ قالدى كۈن بىلەن ئاي ئەرشتە.
خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك، خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك، پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.
قارا بۇلۇت كۆكسىدىن سۇلار تۆكۈپ، ئاسمانمۇ ھەم گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتىپ، نۇر ئوقلىرىڭ چاقماق چېقىپ ئېتىلغانتى.
ماڭا ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوقلىرى تەگدى، روھىم ئۇنىڭدىكى زەھەرنى سۈمۈرمەكتە، خۇدا مېنى ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن قورقۇتماقتا.
پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، يول بويى قىرىپ ماڭدى ۋە ئازېقا، ماققېدا شەھىرىنىڭ يولىدا يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى.
ئوقلىرىمنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن مەست قىلىمەن. قىلىچىمنى ئۇلارنىڭ گۆشلىرى بىلەن تويدۇرىمەن. ئەسىرلەرنىڭمۇ قېنىنى تۆكىمەن، يېتەكچىلىرىنىڭمۇ باشلىرىنى ئالىمەن.»
ئۇلارنىڭ بېشىغا داۋاملىق بالا كەلتۈرىمەن، ئوقلىرىمنى ئۇلارغا تۈگىگۈچە ئاتىمەن.
خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى، ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر. ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ، ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.
چېكىندۈرىسەن ئۇلارنى، يۈزلىرىگە بەتلىگەندە ئوقيايىڭنى.
چاقماقلارغا بۇيرۇق قىلالامسەن؟ ئۇلار: ‹خوپ، بىز تەييار!› دەپ، ئالدىڭغا يۈگۈرۈپ كېلەمدۇ؟
پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار، ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر. پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنيانى سوراق قىلار. ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.»
ئاندىن ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ گۈلدۈرلىشىنى ئاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ئاۋاز چىقارسىلا چاقماق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.
خۇدا ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاجايىپ گۈلدۈرماما پەيدا قىلىدۇ، بىز ئۇنىڭ قىلغان ئۇلۇغ ئىشلىرىنى چۈشىنىشكە قادىر ئەمەسمىز.
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنار دېڭىز-ئوكىيانلاردا، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىتەر شانۇشەۋكەتلىك خۇدا، ئۇنىڭ ئاۋازى بىپايان سۇلار ئۈستىدە ياڭرىتىپ سادا.
پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى چاقتۇرار چاقماقلارنى.
قۇيۇندا گۈلدۈرماماڭ گۈلدۈرلىگەنىدى، چاقمىقىڭدىن جاھان نۇرغا چۆمۈلگەنىدى، ئالاقزادە بولۇپ يەرمۇ تەۋرىگەنىدى.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بۇ خاس «قوشۇن»ىغا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ، ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ سانى يوقتۇر. ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغانلار كۈچلۈكتۇر. پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقتۇر، ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟