8-9 كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرىغىن مېنى، مېنى ھالاك قىلماقچى بولغان رەزىللەردىن. قاناتلىرىڭ ئاستىغا يوشۇرغىن مېنى، قورشىۋالغان ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمدىن.
قاقاس چۆللۈكتىن، ياۋايى ھايۋانلار ھۇۋلاپ تۇرىدىغان دالادىن پەرۋەردىگار تاپتى ئىسرائىللارنى. باقتى ئۇلارنى، قوغدىدى ئۇلارنى خۇددى قوغدىغاندەك كۆز قارىچۇقىنى.
بۈركۈت كەبى ئۇ قاناتلىرى ئاستىغا ئالار سېنى، سەن ئۈچۈن پاناھ بولار ئۇنىڭ قاناتلىرى، قالقان ۋە ئىستىھكامىڭ بولار ساداقىتى.
كىمكى ماكان تۇتسا ئۇلۇغ خۇدانىڭ پاناھىدا، ياشار ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدا سايىسىدا.
ئەمەل قىل ئۇلارغا، بەختلىك ياشايسەن شۇندا. تەلىملىرىمنى كۆز قارىچۇقۇڭدەك ئاسرا.
ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.
بىباھادۇر مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ، ئى خۇدا، پاناھ تاپار ئىنسانلار قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
شەپقەت كۆرسەتكىن ئى خۇدا، شەپقەت كۆرسەتكىن ماڭا. چۈنكى مەن پاناھ تاپارمەن سەندە، قاناتلىرىڭنىڭ ئاستىدا، تاكى خەتەر ئۆتۈپ كەتكۈچە.
قىلغان ياخشىلىقلىرىڭنى پەرۋەردىگار ئۆزۈڭگە ياندۇرغاي. سەن قانىتى ئاستىدا پاناھلىق ئىزدىگەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا مول ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي، _ دېدى.
چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي، قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ
- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.
سەن مەدەتكار بولۇپ كەلدىڭ ماڭا ئى خۇدا، كۈيلەيمەن سېنى قاناتلىرىڭ سايىسىدا.
ئۆزۈڭ مېنى ساقلىغىن خۇدا، چۈنكى سەندىن تاپارمەن پاناھ.
قانائەتلىنەر ئۇلار ئۆيۈڭدىكى مول نېمەتلەردىن، بەھرە ئالار سېنىڭ ھۇزۇرلۇق دەريالىرىڭدىن.
نىدا قىلارمەن خۇداغا _ ئۇلۇغ بولغۇچىغا، مەن ھەققىدىكى ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغۇچىغا.
ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.