6 ئى ئىگەم، ئىلتىجا قىلدىم ساڭا، جاۋاب بەرگەچكە سەن ماڭا. بېرىپ ماڭا دىققىتىڭنى، تىڭشىغىن سۆزلىرىمنى.
قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا، ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا.
سېغىنىمەن رەببىم سېنى كۈن چۈشكەندە بېشىمغا، چۈنكى سەن جاۋاب بېرىپ كەلدىڭ ماڭا دائىما.
قوبۇل قىلغىن دۇئايىمنى، ئاڭلىغىن نىدايىمنى.
ئىلتىجا قىلارمەن يالۋۇرۇپ خۇداغا، پەرۋەردىگارىم نىجاتلىق بېرەر ماڭا.
ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن.
ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»
خۇدادىن قورقۇڭلار، گۇناھ قىلماڭلار! جىمجىت يېتىپ ئورنۇڭلاردا، بۇنى چوڭقۇر ئويلىنىڭلار! سېلاھ