5 ئىزىڭدىن ماڭدىم مەن قەدەم ئېلىپ، شۇڭا كەتمىدى پۇتلىرىم تېيىلىپ.
سەن نۇسرەت ئاتا قىلماي ئەزدىڭ بىزنى، خارابىدە ياردەمچىسىز قالدۇردۇڭ خەلقىڭنى. گەرچە قايتمىغان بولسىمۇ سەندىن كۆڭلىمىز، چەتنىمىگەن بولسىمۇ يولۇڭدىن قەدەملىرىمىز.
ۋەدەڭ بار مەزمۇت قىلماقلىققا قەدىمىمنى، ماڭا خوجا قىلىپ قويما ھېچبىر گۇناھنى.
يامانلىقلاردىن قوغدايدۇ پەرۋەردىگار، ھەم جېنىڭنى ئۇ ئامان قىلار.
ساقلار ئۇ تېيىلىشتىن پۇتلىرىڭنى، سەگەك تۇرۇپ قوغدايدۇ سېنى.
تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.
بىخەتەر قىلغاچ سەن باسقان ھەربىر قەدىمىمنى، تېيىلماستىن مېڭىپ يۈرىمەن يوللىرىمنى.
ئى پەرۋەردىگار، تېيىلىپ كېتەي دېگىنىمدە، يۆلىدىڭ مېنى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە.
ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار، نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن، يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا مەلۇمكى، ھېچكىم ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە ئەمەس، ئۆز بېشىغا كېلىدىغان ئىشلارنى بەلگىلەشكە كىمنىڭ قۇربى يەتسۇن؟
مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ئەگەشتىم، ئۇنىڭ يولىنى تۇتتۇم، ھېچ چەتنىمىدىم.
قوغلاپ يۈرۈپ تۇتۇۋالدىم دۈشمەنلىرىمنى، قايتمىدىم كەينىمگە يوقاتماستىن ئۇلارنى.