11 پېيىمغا چۈشۈپ قورشاۋغا ئالدى مېنى، ئالماق بولۇپ ئۇلار مېنىڭ جېنىمنى.
يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.
كەلكۈن كەبى ئۇلار مېنى ئېلىۋالدى قوينىغا، چۈشۈپ قالدىم مەن ئۇلارنىڭ قورشاۋىغا.
سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ بۇ تەرىپى بىلەن ماڭسا، داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تاغنىڭ ئۇ تەرىپى بىلەن ماڭاتتى. ئۇلار سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېز قاچاتتى. سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تۇتىمىز دەپ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالماق بولاتتى.