Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 كىمكى چوقۇنماق بولسا غەيرىي ئىلاھلارغا، ئاشار ئۇنىڭ دەردلىرى قەۋەتلا. قۇربانلىق قىلماسمەن ئاتاپ ئۇلارغا، ئالماسمەن ناملىرىنى ھەتتا تىلىمغا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 16:4
15 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلماڭلار، ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالماڭلار.


سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار!


شەرمەندىلىكتە قالار ئاخىر بۇتپەرەسلەر، ئەرزىمەس بۇتلىرىنى ماختىغانلار. پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلار بارلىق «ئىلاھلار».


دەرد-ئەلەملەر كېلەر يامانلارنىڭ بېشىغا، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى قۇچاق ئاچار ئۇنىڭغا تايانغانلارغا.


ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلار سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭنى رەت قىلار.


سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر. سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر، ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر. خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟


بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.


لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ، ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ، ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ، ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ. بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ، قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.


لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار، مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار، ‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار، ‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،


شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.


ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ قۇيدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite