3 ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.
دانالار بىلەن بىللە يۈرگەن دانا بولار، ھاماقەتلەرگە ھەمراھ بولغان زىيانغا ئۇچرار.
ھەققانىيلار يېقىنىغا يول كۆرسىتەر، يامانلارنىڭ يولى ئۆزلىرىنى ئازدۇرار.
ئى پەرۋەردىگار خۇدا، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا، يەنى ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، نىجاتلىق روھانىيلارغا كىيىم بولسۇن، تەقۋادار خەلقلىرىڭ مېھرىبانلىقىڭدىن شادلىققا تولسۇن.
ھانانىيا ئۇنىماي، مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئى رەببىم، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ ئادەم ھەققىدە ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇ يېرۇسالېمدا ساڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ئىنتايىن رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان!
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئاشۇ كۈندە، ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ۋاپادار بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.
سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس، يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ، سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن، يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ، يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.
ئۇ ياراتقان پۈتكۈل ئالەم ئۈچۈن شادلىناتتىم. دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن سۆيۈنەتتىم.
دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.
ئۆلۈپ كەتسە تەقۋادار بەندىلىرى، پەرۋەردىگار ئەتىۋارلار ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىنى.
كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن. توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن.
ئەي تەقۋادارلار، ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا، شۈكۈر ئېيتىڭلار ئۇنىڭ مۇقەددەس نامىغا.
بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن خۇدانىڭ ئەفەس شەھىرىدىكى مۇقەددەس خەلقى - ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىلىرىگە سالام.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرسەت بولسىلا، باشقىلارغا، بولۇپمۇ ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.
مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.
قېرىنداش ۋە دوستلىرىم سەندە تۇرغاچقا، تىلەيمەن: «تىنچلىق بولسۇن يېرۇسالېمدا».