2 دېدىم مەن پەرۋەردىگارغا: «ئىگەمدۇرسەن، بەختىم يوقتۇر سەندىن باشقا.»
سەندىن باشقا مەدەتكارىم يوقتۇر ئەرشتە، سەندىن باشقىنى ئىستىمەسمەن ھەم يەر يۈزىدە.
ئېيتارمەن پەرۋەردىگارغا: «باشپاناھىم، قورغىنىمسەن، ئىشەنچىمنى باغلىغان خۇدايىمسەن.»
ئۇ ماڭا نىدا قىلىپ دېدىكى: ‹سەن مېنىڭ ئاتام، خۇدايىمدۇرسەن، نىجاتكارىم، قورام تېشىمدۇرسەن.›
ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»
- سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! - دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.
«ئى پەرۋەردىگار، تەلپۈنىمەن پەقەت ساڭا» دېدىم مەن، دېگىنىڭدە «تەلپۈنگىن ماڭا».
ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.
كىممۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىپ، ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟»
مەن ئۇلارنى ئوتتا سىنايمەن. ئۇلارنى تاۋلانغان كۈمۈشتەك پاك قىلىمەن. ئۇلارنى ئالتۇننى تاۋلىغاندەك تاۋلايمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمنى چاقىرىدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋاب بېرىمەن. مەن: ‹بۇلار مېنىڭ خەلقىمدۇر› دەيمەن، ئۇلار: ‹پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر› دېيىشىدۇ.»
ئى رەببىمىز پەرۋەردىگار، شۇنچە ھەيۋەت نامىڭ بار يەر يۈزىدە، شەرىپىڭنى نامايان قىلدىڭ ئاسمان-پەلەكتە.
سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.
بەزىلەر: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ، بەزىلەر: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ، بەزىلەر قولىغا: ‹پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى ‹ئىسرائىللار› دەپ ھېسابلايدۇ.»