11 كۆرسىتىپ بېرىسەن ھاياتلىق يولىنى ماڭا، خۇشاللىق تولۇپ تاشقاندۇر ھۇزۇرۇڭغا، مەڭگۈلۈك شادلىق باردۇر ئوڭ قولۇڭدا.
ھەقىقىي ھاياتلىققا يېتەكلەيدىغان يولنى ماڭا كۆرسەتتىڭ. ئەمدى سەن مېنى ھۇزۇرۇڭدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىسەن.»
ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!
تاڭ نۇرىغا ئوخشار ھەققانىيلارنىڭ يولى، قۇياش تولۇق كۆتۈرۈلگىچە نۇرلىنار يورۇغانسېرى.
ھەققانىيلىقىم بىلەن يۈزۈڭنى كۆرەرمەن، ئويغانغىنىمدا دىدارىڭغا قانارمەن.
بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى، ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.» پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
بىز ئۇچراۋاتقان بۇ ۋاقىتلىق ۋە ئەرزىمەس ئازاب-ئوقۇبەتلەر بىزگە تەڭداشسىز ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ.
قەلبى پاك بولغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، ئۇلار خۇدانى كۆرىدۇ.
ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.
تىرىلدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھ ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرماقتا. پەرىشتىلەر، ئەرشتىكى ھوقۇقدارلار ۋە باشقا بارلىق كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا تىز پۈكمەكتە.
خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز.
بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن.
ھەققانىيلارنىڭ يولىدا ھاياتلىق باردۇر، بۇ يول ئۆلۈمگە يېتەكلىمەيدىغان يولدۇر.
رەببىمىز ئەيسا ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى ۋە خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.
باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە.
سىلەر ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدا ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بەردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار خۇداغا باغلانغان.
بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مەڭگۈلۈك جازاغا ئۇچرايدۇ. ھەققانىي ئادەملەر بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ.
ئۇنىڭ يېنىغا بارغانلارنىڭ بىرىمۇ قايتالماس، ھاياتلىق يولىغا ھەم يېتەلمەس.
ئۇ ھاياتلىق يولىنى ئويلاپمۇ قويماس، ئەگرى يوللاردا تېنەپ يۈرگەنلىكىنى ئۆزى بىلمەس.
- قاراڭلار! ئاسمان ئېچىلىپ، ئىنسانئوغلى ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم! - دېدى ئۇ.
ياتساملا ئۇيقۇم كېلەر بەخىرامان، چۈنكى مېنى ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەقەت سەن _ پەرۋەردىگار ئۆزۈڭدۇرسەن.
خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، نامىنى كۈي-ناخشىغا قېتىڭلار. ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدىدۇر، ئۇلۇغلاڭلار، «مەڭگۈ بار بولغۇچى _ ياھ»دۇر ئۇنىڭ نامى. ھۇزۇرىدا خۇشاللىققا چۆمۈڭلار.