10 بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.
لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ
ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.
دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى.
ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:
- خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ.
يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.
غەزىپىم ئوتتەك يانماقتا، ئۆرتەپ تۈگىتەر پۈتۈن جاھاننى. تۇتىشىپ بۇ ئوت گۆرنىڭ تېگىگىچە يالماپ يۇتىدۇ تاغلارنى يىلتىزلىرىغىچە.
شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ.
ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن.
ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
- ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! - دەپ توۋلاپ كەتتى.
ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ، كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن. ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ، ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.
خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.
شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ، ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ. ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.
ھېچ تويماس گۆر ۋە ئۆلۈكلەر ماكانى، قانائەت تاپماس ئادەمنىڭ نەپسى.
پەرۋەردىگارغا ئايان تۇرسا ئۆلۈكلەر ماكانى، تېخىمۇ ئايان بولماسمۇ ئىنسانلارنىڭ دىلى؟
ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە، لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.
قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
ئۇ ئەرشتىنمۇ بۈيۈك تۇرسا نېمە ئىش قىلالىشىڭ مۇمكىن؟ ئۇ ئۆلۈكلەر ماكانىدىن چوڭقۇر تۇرسا، نېمىنى بىلەلىشىڭ مۇمكىن؟