Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 15:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 جازانىغا پۇل قەرز بەرمەيدىغانلار، پارا يەپ بىگۇناھقا زىيان سالمايدىغانلار، مەڭگۈ تەۋرەنمەستۇر مانا بۇلار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 15:5
29 Referans Kwoze  

يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزمىسۇن، يان باسمىسۇن، پارا ئالمىسۇن. چۈنكى پارا دانالارنىڭ ئەقىل كۆزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ.


ئەگەر خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭلار، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالماڭلار.


يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، ئادالەتسىز ئىشلاردىن يىراق تۇرسا، ئادالەت بىلەن ئىش بېجىرسە،


بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!


ئادەم يامانلىق قىلىپ ئامان بولماس، ھەققانىيلارنىڭ يىلتىزى قومۇرۇلماس.


ھەققانىيلار ئەبەدىي مەغلۇپ بولماس، ھەققانىيلار مەڭگۈگە ئۇنتۇلماس.


نەقەدەر بەختلىك-ھە، ئادالەتلىك ئىش قىلغانلار، ھەر دائىم ھەققانىيەت يولىنى تۇتقانلار.


پەرۋەردىگارغا تاپشۇر غەم-قايغۇڭنى، ئۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەر سېنى. پەرۋەردىگار يىقىتماس ھەرگىز، توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى.


پەرۋەردىگارنى تۇتارمەن ھەر دائىم يادىمدا، ئوڭ يېنىمدا بولغاچ ئۇ تەۋرەنمەسمەن پەقەتلا.


- ئەيسانى تۇتۇپ بەرسەم، ماڭا نېمە بېرىسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


ئەگەر رەزىل ئادەم رەزىللىكىدىن يېنىپ، ئادىل ھەم دۇرۇس ئىشلارنى قىلسا، ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.


نامراتلارغا بېسىم قىلمىسا، قەرز بەرگەن پۇلىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالمىسا، مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلسا، ئۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھايات قالىدۇ.


توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ. مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار، سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار، رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،


دەرغەزەپ بولۇپ، سىلەرنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، خوتۇنۇڭلار تۇل، پەرزەنتلىرىڭلار يېتىم قالىدۇ.


ئەگەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قەسەم قىلغان بولساڭلار، قەسىمىڭلارنى كېچىكتۈرمەي ئەمەلگە ئاشۇرۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ قىلغان قەسىمىڭلاردا تۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ. تۇرمىساڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر.


قاراڭلار، مانا مەن بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. سىلەر بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھنىڭ ئالدىدا ماڭا قارشى ئەرزىڭلار بولسا ئېيتىڭلار. مەن كىمنىڭ ئۆكۈزىنى تارتىۋالدىم، كىمنىڭ ئېشىكىنى بۇلىۋالدىم، كىمنىڭ ھەققىنى يېدىم، كىمگە زۇلۇم سالدىم، كىمنىڭ قولىدىن پارا ئالغانلىقىم سەۋەبلىك كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم؟ ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام، خاتالىقىمنى تۈزىتەي!


مۇستەھكەم تۇرار ھەققانىي ئادەم ئۆز ئورنىدا، ئۇزۇن تۇرالماس يامانلار زېمىندا.


ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر، پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite