Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 15:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 15:4
20 Referans Kwoze  

يىفتاھ قىزىنى كۆرۈپلا، كىيىملىرىنى يىرتىپ نالە قىلىپ: _ ۋاي قىزىم! سەن مېنى ئېچىنىشلىق قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلدىڭ! مەن پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلغانىدىم، قەسىمىمدىن يانالمايمەن، _ دېدى.


- سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا «قەسەمدىن قايتما، پەرۋەردىگارىڭغا قىلغان قەسىمىڭدە تۇر» دېيىلگەن تەلىمنى ئاڭلىغان.


كىم ئەرشتىكى خۇداغا سادىق بولسا، ئۇلارغا ئۆز ئوردامدىن ئورۇن بېرىمەن. توغرا، ھەق يولدا ماڭغانلارنى مېنىڭ خىزمىتىمگە قويىمەن.


بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ.


كۆڭلۈم مېنىڭ ئەگرىلىكتىن خالىيدۇر، ھەمدە ھەممە رەزىللىكتىن يىراقتۇر.


دوستتۇرمەن ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا، شېرىكمەن يوليورۇقلىرىڭغا رىئايە قىلىدىغانلارغا.


ئالىيجانابتۇر زېمىندىكى تەقۋادار خەلقىڭ، بارلىق خۇشاللىقىمدۇر ئۇلار مېنىڭ.


ئۇلار بىزنى ھۆرمەتلەپ، نۇرغۇن سوۋغاتلارنى ئەكېلىشتى. ئۈچ ئايدىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىدىغان ۋاقتىمىزدا، بىزنى يولدا لازىملىق نەرسە-كېرەكلەر بىلەن تەمىنلىدى.


پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ھاموننىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىشى كېرەك ئىدى. لېكىن موردىكاي ئېگىلىپ تەزىم قىلمايتتى.


پاۋلۇس خۇدانىڭ ئالدىدا ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىش قاتارلىقلار توغرىسىدا توختالغاندا، ۋەھىمىگە چۈشكەن فېلىكس ئۇنىڭغا: - ھازىرچە قايتىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ. كېيىن ۋاقتىم چىققاندا، يەنە چاقىرتىمەن، - دېدى.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇنى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدۇرغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا نىبۇكادنەزەرگە ئاسىيلىق قىلدى. ئۇ بوينى ۋە دىلىنى قاتتىق قىلىپ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite