2 خۇشال بولسۇن ئىسرائىللار ياراتقۇچىسىدىن، شادلانسۇن سىئوننىڭ پەرزەنتلىرى پادىشاھى خۇدادىن.
چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن، مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر. مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن. مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.
تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.
سەجدە قىلايلى كېلىڭلار پەرۋەردىگارغا، ياراتقۇچىمىز ئۇ بىزنىڭ تىز پۈكەيلى ئۇنىڭغا.
«پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھقا مۇبارەك بولسۇن! ئىنسان خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغۇسى، ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپ بولسۇن!»
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شادلان ئەي سىئون قىزى! چۇقان سال قىزىم يېرۇسالېم! مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ! ئۇ ھەققانىيدۇر، ئۇ نىجاتلىق ئېلىپ كېلەر. ئۇ كىچىك پېئىلدۇر، ئۇ ئېشەككە، يەنى تەخەيگە مىنىپ كېلەر.
ئەي سىئون خەلقى، شادلىنىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن خۇشاللىق تېپىڭلار. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى ياغدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر. سىلەرگە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈز ۋە باھار يامغۇرى ياغدۇرۇپ بېرىدۇ.
لېكىن ھېچكىم: ‹مېنى ياراتقان خۇدا نەدە؟› دەپ سورىمايدۇ. كېچىلىرى ئۆزلىرىگە ئۈمىد بەرگەن خۇداغا ئىلتىجا قىلمايدۇ.
كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى ياڭرىتىپ نەغمە-ناۋا، كۈيلەڭلار پادىشاھىمىزنى ياڭرىتىپ ساز بىلەن ناخشا.
پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر.
سىلەر ئائىلەڭلار بىلەن بىرگە ئىبادەت قىلىدىغان يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا يەڭلار، قىلغان بارلىق ئىشىڭلاردىن شادلىنىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاندۇر.
ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.
خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز.
- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.
مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»
ئۇ ئوڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە: «ئەي ئاتام تەرىپىدىن بەختلىك قىلىنغانلار، كېلىڭلار! دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى سىلەر ئۈچۈن تەييارلانغان مىراس - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگە بولۇڭلار!
«يېرۇسالېم خەلقىگە ئېيتىڭلار: ˜مانا، پادىشاھىڭلار كېلىۋاتىدۇ، ئۇ كىچىك پېئىللىق بىلەن بىر ئېشەككە، تەخەيگە مىنىپ، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا كېلىۋاتىدۇ.Œ»
مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.»
ئى پەرۋەردىگار، مۇقەددەس خۇدايىم، سەن ئەزەلدىن بارسەن، مەڭگۈ يوقالمايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالاش ئۈچۈن بابىللىقلارنى تاللىدىڭمۇ؟ ئەي پاناھگاھىمىز، بىزنى جازالاش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بەردىڭمۇ؟
ئەي سىئون قىزى، تەنتەنە قىل، ئەي ئىسرائىل، چۇقان سال! ئەي يېرۇسالېم قىزى، خۇشاللىققا چۆم!
پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇر، ئۇ ساڭا ياردۇر. سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.