11 مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي جاھان شاھلىرى ۋە بارچە خەلقلەر، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى ئەي بارچە ھۆكۈمرانلار ۋە شاھزادىلەر.
بارچە ئەللەر نامىڭغا ھۆرمەت قىلار پەرۋەردىگار، شەرىپىڭدىن ئەيمىنەر ئالەمدىكى ھەممە شاھ، ھۆكۈمرانلار.
دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ، پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.
شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ، خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ. ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ. ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ. شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن، ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»
سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.