9 خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.
قۇزغۇننىڭ بالىلىرى ئاچلىقتىن ئۇياق-بۇياققا ئۇچۇپ، خۇداغا نالە قىلغاندا، كىم قۇزغۇنغا يەم بېرىدۇ؟
كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ بارلىق جانلىقلارغا ئوزۇق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
ئۆزۈڭلار ۋە باشقا جانلىقلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋالغىن، _ دېدى.