Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 146:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئىشەنچ باغلىما شاھزادىلەرگە، نىجاتلىق بېرەلمەيدىغان بەندىلەرگە.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 146:3
11 Referans Kwoze  

ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن. ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.


دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.


يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە.


مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس! ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس! پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە، ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ.


ئىنسان پەقەت بىرلا تىنىقتۇر، شۆھرىتىمۇ ئۇنىڭ قۇرۇقتۇر. كۆتۈرۈلۈپ كېتەر سېلىنسا تارازىغا ئۇلار، چۈنكى ئۇلار بىر تىنىقتىنمۇ يېنىكتۇر.


دۈشمەنگە قارشى بىزگە بول ياردەمدە، بىھۇدىدۇر زەپەر قازىنىش ئىنساننىڭ ياردىمىدە.


پادىشاھ: _ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى.


شۇ ۋاقىتتا غايىبنى بىلگۈچى خانانى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاسانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا تايانماي، دۈشمىنىڭىز بولغان ئاررام پادىشاھىغا تاياندىڭىز. بۇ سىزنى ئاررام پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.


بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite