2 ھەمدۇسانا ئېيتىمەن ھەر كۈنى ساڭا، ئاپىرىن ئوقۇيمەن مەڭگۈ نامىڭغا.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر.
ھامىلە ۋاقتىمدىن باشلاپ ساڭا تاياندىم، ئانامنىڭ قورسىقىدىن سەن ئۆزۈڭ چىقاردىڭ، شۇندىن بۇيان مەدھىيەمنى ساڭا ئاتاپ كەلدىم.
ساڭا ھەر كۈن يەتتە ۋاق مەدھىيەم بار، بەرھەق، ھەممە ھۆكۈمۈڭگە ئادىللىق يار.
ياشىسۇن پادىشاھ! ئۇنىڭغا شىبانىڭ ئالتۇنلىرى سوۋغا بولغاي، دائىم دۇئالار قىلىنىپ، كۈنبويى بەخت تىلەنگەي.
داۋۇت ئاساف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ھەر كۈنى خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدى.
ناخشاڭلاردا تەرىپلەڭلار خۇدانىڭ نامىنى، بايان ئەيلەپ ھەر كۈنى ئۇنىڭ نىجاتلىقىنى.
ئۆمۈرۋايەت مەدھىيەلەيمەن پەرۋەردىگارنى، جان تەندە بولسىلا كۈيلەيمەن خۇدايىمنى.