Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 143:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى ئاڭلىغۇم بار تاڭ سەھەردە، چۈنكى مەن پەقەت ساڭا تايانغانمەن. مېڭىشىم زۆرۈر بولغان يولنى ئۆزۈڭ بىلدۈر ماڭا، چۈنكى مەن ۋۇجۇدۇمدىن پەقەت ساڭا تەلمۈرگەنمەن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 143:8
23 Referans Kwoze  

قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن، مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن، سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.


شۇ شەھەردە بولغاچ خۇدا، تەۋرەنمەس ئۇ ماكان ئەسلا، تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ ياردەمگە كېلەر خۇدا.


ئەقىل-ئىدراك بېرىپ ساڭا كۆرسىتىمەن يولۇڭنى، ھالىڭدىن خەۋەر ئېلىپ ئۆگىتىمەن يولۇمدا مېڭىشنى.


سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!»


ۋاھالەنكى، مەن كۈيلەيمەن قۇدرىتىڭنى، ھەر سەھەردە، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭنى. چۈنكى سەن مېنىڭ قورغىنىمسەن، ئېغىر كۈنلەردە پاناھگاھىمسەن.


ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.


ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.


ھەر سەھەردە قاندۇرساڭ گەر بىزنى چىن مۇھەببىتىڭگە، ھەر كۈن ئالقىش ياڭراتقايمىز سېنىڭ قۇتلۇق شەنىڭگە.


قولىمىزنى سوزۇپ يۇقىرىغا، چىن دىلىمىزدىن دۇئا قىلايلى ئەرشتىكى خۇداغا:


مەن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كۆڭلىنى بىر شاد قىلغىنا، چۈنكى مەن سېغىنىپ دۇئا قىلىمەن ساڭا.


ئۆتۈپ كېتەر غەزىپى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەمما ئۇنىڭ شاپائىتى ھەمراھدۇر ئاداققىچە. كېچىچە داۋام ئەتسىمۇ گەر يىغا-زارە، شاد-خۇراملىق يېتىپ كېلەر سەھەردە.


قەلبىمنى يورۇتقايسەن، يولۇڭنى تۇتاي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئۇلارغا ئەمەل قىلاي.


قوللىرىڭ ياراتتى، ياسىدى مېنى، ئەقىل بەر ماڭا، چۈشىنەي ئەمرلىرىڭنى.


كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى، كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى، ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى.


ئى پەرۋەردىگار، باشلىغىن مېنى ھەققانىيلىقىڭدا، چۈنكى پايلاپ يۈرەر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا. روشەن قىلغىن ئۆز يولۇڭنى ئالدىمدا.


بىز پەرۋەردىگارنى تونۇيلى، ئۇنى بىلىشكە ئىنتىلەيلى! تاڭ ئېتىش مۇقەررەر بولغاندەك، ئۇ بىزگە مۇقەررەر ئايان بولىدۇ. زېمىنغا كۈز ۋە باھار يامغۇرلىرى چوقۇم ياغقاندەك، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ.


مانوۋاخ ئۇنىڭدىن يەنە: _ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقاندىن كېيىن، بالا قانداق تەربىيەلىنىشى كېرەك؟ ئۇنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ _ دەپ سورىدى.


_ قىيلاھنىڭ خەلقى مېنى ۋە ئادەملىرىمنى سائۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرارمۇ؟ _ دېدى داۋۇت يەنە. پەرۋەردىگار: _ چوقۇم تاپشۇرىدۇ، _ دېدى.


قۇتقۇز ھەم قوغدىغىن ھاياتىمنى، شەرمەندە قىلما مېنى، باشپاناھىم بىلىمەن پەقەت سېنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite