4 شۇڭا روھىم سىقىلىپ بۇرۇقتۇم بولدى، ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلۈپ كۆڭلۈممۇ قايغۇغا تولدى.
رەقىبلىرىم يوللىرىمغا قىلتاق قۇرغان بولسىمۇ، روھىم مېنىڭ بۇرۇقتۇم بولۇپ تۈگىشەي دېسىمۇ، ئۆزۈڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالىسەن شۇنداقتىمۇ.
ئاھۇزار چەكتىم ئى خۇدا، سېنى سېغىنىپ، يوقىتار بولدۇم ئۆزۈمنى، سېنى ياد ئېيتىپ. سېلاھ
ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.
ئاڭلىغايسەن پەرۋەردىگار دۇئايىمنى، تىڭشىغايسەن مېنىڭ قىلغان پەريادىمنى.
چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا، يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.
ئەنسىزلىك چىرماپ ئالدى جىسمىمنى، ۋەھىمە، تىترەكلەر قاپلىماقتا مېنى.
ھالىمغا باق ئى ئىگەم ھىممىتىڭنى كۆرسەت ماڭا، يالغۇزدۇرمەن، قالدىم ئازاب، كۈلپەت ئارا.
سىلەر يېتىملەرنىڭ ئۈستىدە چەك تارتىشىسىلەر، دوست-بۇرادىرىڭلارنى ساتىسىلەر.
ئۇ كېچىلەر، ئېيتقان مۇناجاتلىرىم بىلەن تولغانىدى، ئۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈمدە شۇنداق سوئاللار پەيدا بولدى:
پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.