10 ئۆگەت ماڭا ئىرادەڭگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنى، چۈنكى سەن مېنىڭ خۇدايىمدۇرسەن، ئاداشماي، يېتەكلىسۇن ئالىيجاناب روھىڭ مېنى.
لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.
سىلەرنى سىلەر ئېھتىياج بولغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئۆز ئىرادىسىنىڭ ئىجراچىلىرى قىلغاي! ئەبەدىلئەبەد شان-شەرەپكە لايىق بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەي، ئامىن!
ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.
ھەمدۇسانا بولسۇن پەرۋەردىگار ساڭا، ئۆگەتكەيسەن نىزاملىرىڭنى ماڭا.
سەن ئۇلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن ياخشى روھىڭنى ئاتا قىلدىڭ. ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ماننانى ئۈزمىدىڭ ۋە ئۇسسۇزلۇقىغا سۇ بەردىڭ.
سىلەرگە كەلسەك، ئەيسا مەسىھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا بولغاچقا، سىلەر باشقىلارنىڭ يېڭى تەلىمىگە موھتاج ئەمەسسىلەر. مۇقەددەس روھ سىلەرگە ھەممە ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەقتۇر، يالغان ئەمەستۇر. شۇڭا، مۇشۇ ھەقىقەت بويىچە داۋاملىق ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاڭلار.
چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.
پەرۋەردىگار «سەن مېنىڭ ئىگەمدۇرسەن» دېگەنىدىم، قۇلاق سالغىن ئىلتىجايىمغا، ئى ئىلاھىم.
ئى پەرۋەردىگار، تايانچىم پەقەت سەن، دەيمەن شۇڭا: «سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن.»
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى.
بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.
ئەمرلىرىڭگە بويسۇنىدىغان قىلغىن مېنى، چۈنكى سۆيىمەن سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىشنى.
خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قايغۇغا سالماڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس روھ بولسا سىلەرنىڭ خۇداغا مەنسۇپ بولغانلىقىڭلارنىڭ مۆھرى بولۇپ، ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلىدىغان كۈنۈڭلارنىڭ يېتىپ كېلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى، پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.»
ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.
بۇ يورۇقلۇق ھاياتىڭلاردا ياخشىلىق، ئادىللىق ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەت مول مېۋىلەرنى بېرىدۇ.
نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ، مۇنداق دېيىشىدۇ: «كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى. ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ، بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز». پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن، سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.
باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە.
پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.
قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.
سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، شۈكۈر ئېيتىمەن، سەن مېنىڭ ئىلاھىمسەن، ئۇلۇغلايمەن.
ئاھ خۇدايىم، خۇدايىم تاشلىۋەتتىڭ نېچۈن مېنى؟ قۇتقۇزماستىن، نېچۈن يىراق تاشلاپ كەتتىڭ مېنى؟ ئاڭلىمايسەن نېچۈن مېنىڭ نالە-پەريادىمنى.
ئۇلارغا مەن سىلەرگە بۇيرۇغان بارلىق ئەمرلەرگە ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىڭلار. مەن ھەقىقەتەنمۇ زامان ئاخىرىغىچە ھەر دائىم سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.
پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.
ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.
ئى پەرۋەردىگار، ھەق يولۇڭنى ئۆگەت ماڭا، باشلا مېنى ھەققانىيەت يولۇڭغا، چۈنكى باردۇر دۈشمەنلىرىم ئەتراپىمدا.