Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 142:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 شۈكۈر ئېيتماق ئۈچۈن سېنىڭ نامىڭغا، ئۆزۈڭ مېنى چىقارغايسەن زىنداندىن. ھەققانىيلار شۇندىلا ئولىشىدۇ ئەتراپىمغا، چۈنكى زور مېھرىبانلىققا ئېرىشىمەن سېنىڭدىن.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 142:7
20 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار شۆھرىتىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ قۇتقۇز مېنى، ھەققانىيسەن ئى ئىگەم، پالاكەتتىن ئازاد قىلغىن جېنىمنى.


يەتكۈزەر ئېزىلگەنلەرنى ئادىللىققا، رىزىق بىرەر ئاچ قالغانلارغا، ھۆرلۈك ئاتا قىلار مەھبۇسلارغا.


ئىلتىپات ئەيلىگەچ سەن ماڭا، ئى پەرۋەردىگار، مۇناجات ئوقۇيمەن ساڭا.


بىز مانا مۇشۇنداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر-تاقەت بىلەن بەرداشلىق بەرگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر.


لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزۇپ، قايتا تىرىلدۈردى. چۈنكى، ئۆلۈم ئۇنى چىرمىۋالالمىدى.


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


بايان ئەيلەي قۇدرىتىڭنى خەلقنىڭ ئالدىدا، سىئون شەھىرىنىڭ دەرۋازىلىرىدا. نىجاتلىقىڭدىن چۆمۈلەي شادلىققا.


ئاڭلىسۇن دەپ پەرۋەردىگار، بار ئاۋازىمدا نالە-پەرياد قىلىمەن، پەرۋەردىگاردىن رەھىم تىلەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا يېلىنىمەن.


شەپقىتىڭنى كۆرسەتسەڭ مەن قۇلۇڭغا، شۇندا مەن ھايات ياشاپ، ئەمەل قىلاي كالامىڭغا.


ھەي قەلبىم، قايتقىن ئەمدى ئارامگاھىڭغا، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىلتىپات ئەيلىدى ماڭا.


مېنى كۆرۈپ خۇش بولار ئىخلاسى بارلار ساڭا، چۈنكى مەن ئۈمىدىمنى باغلىغانمەن كالامىڭغا.


چىن دىلىمدىن ئاپىرىن ئوقۇيمەن پەرۋەردىگارغا، ئاڭلاپ بۇنى ئاجىزلار چۆمۈلەر خۇشاللىققا.


مېنى تاشلاپ بەرمىدىڭ دۈشمەن قولىغا، ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇڭ بىخەتەر جايغا.


دۈشمەنلىرىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقىنىدا، ھالاك قىلىسەن ئۇلارنى ئالدىمدا.


ياخشىلىقىمقا يامانلىق قايتۇرغانلار، توغرا يولدا ماڭدىڭ دەپ قارشى چىقار.


قۇتۇلدۇر مېنى پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىمنىڭ ئىلكىدىن، باشپاناھ ئىزدەپ كەلدىم يېنىڭغا، ئورۇن بەرگىن قوينىڭدىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite