2 مەن ئۇنىڭغا دەردلىرىمنى تۆكىمەن، ھەم ئۇنىڭغا مۈشكۈللىرىمنى ئېيتىمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق. سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە، بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.
ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.
ئى پەرۋەردىگار، ئىلتىجا قىلىمەن ساڭا، ئى قورام تېشىم، قۇلاق سالماي قويمىغىن ماڭا. ئەگەر جىم تۇرۇۋېلىپ بەرمىسەڭ جاۋاب، قالارمەن گويا گۆردىكى مۇردىغا ئوخشاپ.