زەبۇر 141:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6-7 خۇددى قېزىلىپ چىققان تاشلاردەك سوقا يەرنى ئاغدۇرغاندا، ئۇستىخانلىرى چېچىلىپ ياتار گۆر ئالدىدا. تاشلىۋېتىلسە يارلاردىن ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى، ھەقىقەت بولغاچ سۆزۈم قالغانلار چۈشىنەر ئۇنى. Gade chapit la |
ئاندىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار ۋە پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئىرادە قىلسا، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يەرلىرىدە ياشايدىغان، جۈملىدىن شەھەر ۋە يايلاقلاردا ياشايدىغان روھانىي بىلەن لاۋىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا خەۋەر يەتكۈزەيلى، ئۇلار ئالدىمىزغا يىغىلسۇن. ئاندىن بىز خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، چۈنكى پادىشاھ سائۇلنىڭ دەۋرىدە بىزنىڭ خۇدايىمىزنىڭ ئەھدە ساندۇقى بىلەن ھېچ كارىمىز بولمىدى.