4 رەزىللىككە مايىل قىلىپ مەيلىمنى، يامانلىق قىلىشقا يول قويما مېنى. قەبىھلەرگە شېرىك قىلما كۆڭلۈمنى، يېگۈزمىگىن ھەم ئۇلارنىڭ نېمەتلىرىنى.
بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن. بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »
مايىل قىلماي قەلبىمنى مەنپەئەتلەرگە، بەلكى خۇشتار قىلغىن سېنىڭ پەرزلىرىڭگە.
ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن، قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟ ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:
مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.»
ئەكسىچە، قەلبىمىزنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، بىزنى ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدىغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا بۇيرۇغان ئەمرلىرى، قائىدە-نىزاملىرىغا رىئايە قىلىدىغان قىلغاي.
ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.
مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار.
ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم! بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا. ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.
لېكىن پەرۋەردىگار تاكى بۈگۈنگىچە سىلەرگە چۈشىنەلەيدىغان قەلب، كۆرەلەيدىغان كۆز، ئېنىق ئاڭلىيالايدىغان قۇلاق بەرمىدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن: «قانداق ئازدۇرىسەن؟» دەپ سورىدى. ھېلىقى روھ: «مەن ئاخابنىڭ پۈتۈن پەيغەمبەرلىرىنى يالغان ئېيتقۇزىمەن» دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: «سەن ئۇنى چوقۇم ئازدۇرالايسەن، بېرىپ، ئۇنى ئازدۇرغىن» دېدى.
لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.
موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.
شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئانىسىغا ئەكېلىپ بەردى. ئانىسى رىبەقا تاماقنى ئاتىسى ئىسھاق ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇردى.
پەيغەمبەر پادىشاھقا: _ ماڭا بايلىقلىرىنىڭ يېرىمىنى بەرسىلىمۇ، سىلى بىلەن بارگاھلىرىغا بارمايمەن، غىزامۇ يېمەيمەن، ئۇسسۇلۇقمۇ ئىچمەيمەن.
يامانلىق قىلغۇچىلار، رەزىللەر قاتارىغا، چۈشۈرۈپ قويمىغىن مېنى ئەسلا، دوستانە بولسىمۇ ئۇلار قوشنىلىرىغا، يامانلىق ئويلار دىللىرىدا.