Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 141:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار مەن ساڭا قىلدىم نىدا، كەلسىكەن دەپ سېنى تېزدىن يېنىمغا، ئاڭلىساڭچۇ ئاۋازىمنى ساڭا نىدا قىلغىنىمدا.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 141:1
10 Referans Kwoze  

مەن بىر بىچارە، ھاجەتمەن، ئى خۇدا، تېز كەلگەيسەن يېنىمغا. سەن مېنىڭ مەدەتكارىم، قۇتقۇزغۇچىم، ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، ھايال بولما.


مەندىن يىراق كەتمىگىن ئى خۇدا، ياردەمگە تېزراق كەلگىن يېنىمغا.


ماڭا تېزدىن جاۋابىڭنى بەرگىنە پەرۋەردىگار، بولمىسا ئۈمىدلىرىم بەربات بولۇپ ھالىم كېتەر، ئۆتۈنەي، دىدارىڭنى يوشۇرمىغىن مەندىن زىنھار. بولمىسا تېنىم مېنىڭ گۆردە بولار.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى يەتكۈزۈپ ئىلتىپاتىڭنى، ئى پەرۋەردىگار، تېزدىن ماڭا بەرگىن ياردىمىڭنى.


ئى پەرۋەردىگار، مېنى تاشلاپ كەتمە يىراققا، مەدەتكارىم خۇدا تېزدىن ياردەم قىلغىن ماڭا.


قۇلاق سالغىن پەرۋەردىگار دۇئايىمغا، موھتاج بولۇپ ساڭا قىلغان ئىلتىجايىمغا. ھەققانىيسەن پەرۋەردىگار، ساداقىتىڭدە جاۋاب بەرگىن مېنىڭ قىلغان مۇڭ-زارىمغا.


نىچۈن قىلمىشلىرىمنى كەچۈرۈم قىلىپ، گۇناھلىرمنى ساقىت قىلمايسەن؟ تېنىم تۇپراققا بەخشەندە بولغاندا، مېنى ئىزدىسەڭمۇ تاپالمايسەن.»


مۇقەددەس جايىڭ تەرەپكە قىلىپ يۈزۈمنى، كۆتۈرۈپ تۇرۇپ قولۇمنى، بايان قىلسام دەردىمنى، ئاڭلىغىن، ساڭا قىلغان ئۆتۈنۈشۈمنى.


يۈزى چۈشۈپ شەرمەندە بولسۇن، ھاياتىمغا قەست قىلغانلار. رەسۋا بولۇپ ئارقىدا قالسۇن، جاپايىمدىن شادلانغانلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite