7 ئىسرائىللارغا نىجاتلىق سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى! پەرۋەردىگار ھۆرلۈككە چىقارغىنىدا زۇلۇمدىكى خەلقىنى، شادلىنار ئىسرائىللار _ سۆيۈنەر ياقۇپ ئەۋلادى.
ئېھ، سىئوندىن چىقىپ كەلسە ئىدى نىجاتلىق ئىسرائىللارغا! ياقۇپ ئەۋلادلىرى شادلىنار، ئىسرائىللار چۆمەر خۇشاللىققا، خۇدا ئاسارەتتىكى خەلقىنى ھۆرلۈككە چىقارغاندا.
نەزىرىڭ تەگكەن زېمىنغا ئىلتىپات ئەيلەپ ئى ئىگەم، قايتا گۈللەپ-ياشناتقانىدىڭ يۇرتىنى ياقۇپنىڭ.
پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.
پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ. مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ. ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.