Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 139:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى، ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 139:3
21 Referans Kwoze  

مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟


خۇدا ماڭىدىغان يولۇمنى كۆزىتىپ، پۈتكۈل باسقان قەدەملىرىمنى سانىماسمۇ؟


ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.


سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا، ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا.


ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»


ھازا مۇددىتى توشۇشى بىلەن داۋۇت ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى ئوردىغا ئەكەلدۈرۈۋالدى. ئۇ داۋۇتقا خوتۇن بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. لېكىن پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىن نارازى بولدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى: - بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.


ئۇ يەنە ئىدومنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆز قوشۇنلىرىنى تۇرغۇزدى. ئىدوملۇقلارنىڭ ھەممىسى داۋۇتقا ئەل بولدى. داۋۇت قەيەرگە بېرىپ جەڭ قىلمىسۇن، ھەممە يەردە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلدى.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


لېكىن ئۇ مېنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىمنى بىلىدۇ. ئۇ مېنى سىنىسا، مەن ئالتۇنغا ئوخشاش چىقىمەن.


بويسۇنىمەن پەرزلىرىڭ، نىزاملىرىڭغا، بەرھەق، ھەممە ئەمەللىرىم ئاياندۇر ساڭا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite