21 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟ ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟
نەپرەتلىنىمەن ئىتائەتسىزلەرگە، رىئايە قىلمىغاچ سۆزلىرىڭگە.
ئۆچ كۆرىمەن بۇتلارغا چوقۇنىدىغانلارنى، باغلىغانمەن پەرۋەردىگارغا ئىشەنچىمنى.
سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن.
خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ يىھوشافاتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز.
بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ.
يىرگىنىمەن پاسىقلاردىن، رەزىللەر بىلەن بولمايمەن بىرگە.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.