Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 139:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى، چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 139:2
17 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمە ئۈچۈن يامان ئويدا بولىسىلەر؟


سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن.


ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ،


خۇدا بىلىدۇ ئىنساننىڭ ئوي-پىكرىنى، بىھۇدىدۇر خىياللارنىڭ ھەممىسى.


سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى، قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى، ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.


ھەر يەرگە چۈشەر پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرى، كۈزىتىپ تۇرار ئۇ ياخشى-ياماننى.


قۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشىنى كىچىك ئىش دەپ كۆزگە ئىلمىغانلار ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زىرۇببابەلنىڭ قولىدىكى تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆرگەندە خۇشاللىققا چۆمىدۇ. (يەتتە دانە چىراغ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن زېمىننى كۆزىتىپ تۇرىدىغان يەتتە كۆزىدۇر.)


خاتىرىلەپ قويغانسەن بۇ سەرسانچىلىقلىرىمنى، تۇلۇمغا قاچىلاپ قويغانسەن كۆز ياشلىرىمنى، يېزىپ قويغانسەن دەپتىرىڭگە بۇلارنى.


ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى: _ ئالىيلىرى، ھېچقايسىمىز ئەمەس. ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەر ئېلىشا ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىدۇ، _ دېدى.


ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا» [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹ئەي گوگ، مەن ئىلگىرى خىزمەتكارلىرىم، يەنى ئىسرائىلىيەدىكى پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق سەن ھەققىدە ۋەھىي يەتكۈزگەن ئەمەسمىدىم، ئۇلار سېنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىڭ ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشمىگەنمىدى!؟›


نۇرغۇن بالايىئاپەتلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، بۇ مۇناجات ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىمگە گۇۋاھ بولىدۇ. بۇ مۇناجات ئەۋلادمۇئەۋلاد ئۇنتۇلمايدۇ. گەرچە مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىنغا تېخى باشلاپ كىرمىگەن بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى بىلىمەن.


ساڭا بولغان ساداقىتىمىزدىن كۈنبويى قىرىلماقتىمىز، سويۇلىدىغان قويلارنىڭ قاتارىدا بولماقتىمىز.


شۇ ئان پەرۋەردىگارنىڭ روھى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە ئىسرائىللارغا تۆۋەندىكى سۆزلەرنى دېيىشىمنى ئەمر قىلدى: «مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئەي ئىسرائىللار، ئاغزىڭلاردا ئۇنداق دېگىنىڭلار بىلەن كۆڭلۈڭلاردا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىڭلارنى بىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite