19 ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن.
ھالاك قىلىسەن يالغانچىلارنى، ئۆچ كۆرىسەن قانخور، ھىيلىگەرلەرنى.
ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ. ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ، ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.
كۆز ئالدىمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار، خۇدايىمنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماققا قارارىم بار.
بەرھەق، قۇلاق سالدى زارىمغا پەرۋەردىگار، يوقىلىڭلار يېنىمدىن ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار.
ئەمما خۇدا ئۇلارغا ئوق ئاتار، ئۇلار تۇيۇقسىز يارىدار بولار.
ئېھ خۇدا، سەن تاشلايسەن ھالاكەت ھاڭلىرىغا دۈشمەنلىرىمنى، قانخور، ھىيلىگەرلەر ياشىيالماس ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى، ئەمما مەن يوقاتماسمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى.
قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:
ئاندىن سول يېنىدىكىلەرگە: «ئەي لەنىتىلەر، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار! شەيتان بىلەن ئۇنىڭ غالچىلىرىغا ھازىرلانغان مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا كىرىڭلار!
گۇناھلىرى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى جازالار، رەزىللىكى ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلار، شۇنداق، پەرۋەردىگارىمىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلار.
ھالبۇكى، ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا: «سىلەرنى ئەزەلدىن تونۇمايمەن. كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار» دەيمەن.
مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلۇپ كەتمەس بۇ دۇنيانىڭ يوقسۇللىرى، ئەمەلگە ئاشماي قالماس ئېزىلگەنلەرنىڭ ئارزۇلىرى.