15 مېنى پىنھان ياراتقىنىڭدا، پۈتۈلگەندە ئانامنىڭ قورسىقىغا، ساڭا يوچۇن ئەمەستى تېنىم ئەسلا.
شامالنىڭ يۆنىلىشىنى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ قانداق شەكىللىنىشىنى بىلگىلى بولمىغاندەك، ياراتقۇچى خۇدانىڭ ئىشلىرىنى بىلگىلى بولماس.
شۇنداق، سەن ياراتتىڭ ئىچكى ئەزالىرىمنى، ئاپىرىدە قىلدىڭ ئانامنىڭ قورسىقىدا مېنى.
ئەمما تېگى يوق گۆرگە چۈشەر، جېنىمنىڭ پېيىگە چۈشكەنلەر.
بۇ يەردىكى «چىققاندا» دېگەن سۆز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاۋۋال تۆۋەنگە - يەر-يۈزىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا مىسىر تەختىدە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىدىغان دېدەكنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە ھەممە تۇنجى ئوغۇللار ئۆلىدۇ، ھەتتا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرىمۇ ئۆلىدۇ.
_ مەن سېنى ئاناڭنىڭ قورسىقىغا تۆرەلدۈرۈشتىن بۇرۇنلا بىلەتتىم. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن سېنى ئۆزۈمگە ئايرىۋېلىپ، زېمىندىكى خەلقلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ تەيىنلىدىم.