زەبۇر 137:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 چۈنكى بىزنى سۈرگۈن قىلغانلار ناخشا تەلەپ قىلاتتى بىزدىن، كۆڭۈللىرىنى ئېچىشقا. جېنىمىزنى قىينىغانلار كۈلۈپ تۇرۇپ دەيتتى بىزگە: «ئېيتىپ بەر سىئوننىڭ مۇناجاتلىرىدىن.» Gade chapit la |
_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.
شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن تون كىيىۋالغانىدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلار، نەغمىچىلەر، شۇنداقلا ناخشا ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىسى بولغان كىنانيامۇ ئوخشاشلا ئېسىل زىغىر يىپتىن تىكىلگەن تونلارنى كىيىشىۋالغانىدى. داۋۇت يەنە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى.