9 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كېچىسى پارلايدىغان ئاي، يۇلتۇزنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
قارىسام مەن بارماقلىرىڭ ئىجاد قىلغان ئاسمانغا _ كۆككە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا،
پارلاق قۇياشنى، ھەرىكەتلىنىۋاتقان تولۇن ئاينى كۆرۈپ،
خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى.
دەيمەن: ئىنسان نېمە ئىدى، سەن ئۇنى ياد ئەتكۈدەك؟ ئادەم نەسلى نېمە ئىدى، شۇنچە كۆڭۈل بۆلگۈدەك؟
ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى، ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.
پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: