8 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ كۈندۈزى پارلايدىغان قۇياشنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ئاي ۋە قۇياش، جىمى پارلاق يۇلتۇزلار، ئەرشئەلا ۋە كۆكتىكى ئەي سۇلار، مەدھىيەلەڭلار پەرۋەردىگارنى ھەممىڭلار.
شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.
پەرۋەردىگار كۈندۈز ئۈچۈن قۇياش نۇرىنى، كېچە ئۈچۈن ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ياراتتى. ئۇ دېڭىزنى چايقىتىپ، كۈچلۈك دولقۇنلارنى پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ نامى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى.
ياراتتىڭ سەن كۈن ۋە تۈن ھەر ئىككىلىسىنى، ئورۇنلاشتۇردۇڭ ئۆز ئورنىغا ئاي ۋە كۈننى.