Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




زەبۇر 136:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ زېمىننى سۇ ئۈستىگە ئورناتقۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.

Gade chapit la Kopi




زەبۇر 136:6
11 Referans Kwoze  

چۈنكى ئۇ دېڭىزلار ئۈستىگە قۇرغاندۇر جاھاننى، چوڭقۇر سۇلار ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاندۇر ئۇنى.


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.


سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم، مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.


ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان، زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان، ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:


ئۇ شىمالدىكى ئاسماننى بوشلۇق ئۈستىگە يايدى، زېمىننى بوشلۇققا ئېسىپ قويدى.


بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە توغرىسىدىكى ۋەھىيسىدۇر. ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى قويغان، ئىنسانغا روھ ئاتا قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:


پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ، زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ، ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.


سەنمۇ خۇداغا ئوخشاش تۇچ ئەينەكتەك ئاسماننى يايالامسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite