23 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ خار بولغان چېغىمىزدا بىزنى ئەسلىگۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.
ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،
ئى ئىگەم، پەريادىمغا قۇلاق سالغىن، ئەھۋالىم بەك ناچار-مۈشكۈلدۇر. قۇتقۇز مېنى ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىن، چۈنكى ئۇلار مەندىن كۈچلۈكتۇر.
پەرۋەردىگار پاناھىدا ساقلايدۇ پاناھسىزنى، ئۇ بېشىمغا كۈن چۈشكەندە قۇتقۇزدى مېنى.
ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن.
پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.
قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.
لېكىن خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق جانلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى.