16 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۆز قوۋمىنى چۆل-باياۋاندىن يېتەكلەپ ئۆتكۈچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ئۇ سىلەرگە زەھەرلىك يىلان ۋە چايانلار قاپلىغان قۇرغاق ۋە قورقۇنچلۇق چەكسىز چۆللۈكتە يول باشلاپ ماڭدى. ئىچىشىڭلار ئۈچۈن قاتتىق تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى.
كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.
يېتەكلىدىڭ قوۋمىڭنى قوي پادىسىدەك، مۇسا ۋە ھارۇننى قىلىپ سەن قويچىدەك.
سىلەر چۆلدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن قىرىق يىل ئىچىدە، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەرنى قانداق يېتەكلىگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىڭلارنى بىلىش ئۈچۈن سىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ سىنىدى،
ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.
شۇنداقتىمۇ سەن رەھىمدىللىكىڭ بىلەن ئۇلارنى چۆلدە تاشلىۋەتمىدىڭ. كۈندۈزى يول باشلىغان بۇلۇت تۈۋرۈكىنى ۋە كېچىسى يول كۆرسەتكەن ئوت تۈۋرۈكىنى ئۇلاردىن ئايرىمىدىڭ.
كۈندۈزى ئۇلارغا بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يول باشلىدىڭ، كېچىسى يولىنى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق يورۇتتۇڭ.
سىلەر چۆللۈكتىن تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارنىڭ ھالىڭلاردىن قانداق خەۋەر ئالغانلىقىنى ئۇلار بىلمەيدۇ.