15 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
ئامان-ئېسەن قىلغاچ خۇدا ئۇلارنى، قورقۇنچتىن خالىي ماڭدى يولىنى، غەرق قىلدى دېڭىزغا دۈشمەنلىرىنى.
ئۇ مىسىردا كۆرسەتتى مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىنى، جازالىدى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرىنى.
ماڭا بولغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭدە ھالاك قىلغىن ئى ئىگەم، دۈشمەنلىرىمنى، خاراب قىلغىن ھەم جېنىمنى خار قىلغانلارنى. بەرھەق، مەن سېنىڭ بەندەڭ، قۇلۇڭدۇرمەن.
ئۇلۇغ غەلىبەڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن بىزگە، ئى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا. ئۈمىدىسەن بارچە ئىنساننىڭ، تاكى چېتىدىكىلەرگىچە زېمىننىڭ.