زەبۇر 136:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ئۇلارنى زور قۇدرىتى بىلەن ئېلىپ چىققۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. Gade chapit la |
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.
مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈندۇر. بۇ كۈن پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار.