10 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، مىسىردا تۇنجى توغۇلغانلارنىڭ جېنىنى ئالغۇچىدۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.
پەرۋەردىگار ئۆلتۈرۈۋەتتى مىسىردا بارلىق تۇنجى بالىلارنى، يەنى ھام چېدىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان تۇنجى ئوغۇللارنى.
شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پىرئەۋننىڭ تۇنجى ئوغلىدىن تارتىپ تاكى زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجى ئوغلىغىچە مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى.
ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ ھالاك قىلدى تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى، يەنى ھالاك قىلدى ئادەم ۋە ماللارنىڭ تۇنجىلىرىنى.
ئاخىرىدا ئۆلتۈردى خۇدا مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنى _ ئۇلارنىڭ غۇرۇرى بولغان بىرىنچى ئوغۇللارنى.
بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا «ئۆتۈپ كېتىش» كېچىسىنىڭ تامىقىنى تەييارلاش ۋە بوغۇزلانغان قۇربانلىقلارنىڭ قېنىنى ئىشىك كېشەكلىرىگە سۈركەشنى بۇيرۇدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى جان ئالغۇچى پەرىشتىنىڭ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىغا تەگمەسلىكى ئۈچۈن ئىدى.
بىراق، ئۇلارنى قۇل قىلغان خەلققە جازا بېرىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەۋلادلىرىڭ ئۇ يەردىن چىقىپ، بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ.»