زەبۇر 136:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1-2 پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ شاپائەتلىكتۇر، پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇ ھەممە «ئىلاھلار»دىن ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر. Gade chapit la |
يەنە بىر قېتىم شادلىق ئاۋازلىرى، كۈلكە سادالىرى ۋە توي قىلغان قىز-يىگىتلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ. ئادەملەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا بېرىپ، مۇنداق ناخشا ئېيتىدۇ: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر!› مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بۇ زېمىن بۇرۇن قانداق گۈللەنگەن بولسا، مەن ئۇنى شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.
روھانىيلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدا تۇرۇپ، كاناي چالدى. لاۋىيلار ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن تەييارلانغان سازلارنى تۇتۇپ تۇرۇشتى. پادىشاھ داۋۇت بۇ سازلارنى پەرۋەردىگارغا شۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ياساتقانىدى. لاۋىيلار بۇ سازلار بىلەن «پەرۋەردىگارنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ مەدھىيە ئوقۇشتى. پۈتۈن خەلق ئۆرە تۇراتتى.